ئەزا ئىسمى:
ئەزا پارولى:
سـاقلايمـەن:
      ئېنتېرنېتنىڭ تىز سۈرئەتتە ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئېنتېرنېت تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئۇچۇر – ئالاقە يولى بولۇپ قالدى. نۇرغۇن تورداشلار ئېنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ ئۇچۇر ۋاستىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلدى. سىز ھەم بىز ئېنتېرنېت قوللانغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېنتېرنېتتىكى مول ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە بىرقىسىم مۇھىم ئۇچۇر مەنبەسى بولغان، مۇھىم دەپ قارالغان تور ئادىرىسلىرىنى ساقلاپ قويۇشقا توغرا كىلىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
      تورداشلارنىڭ ھەممىسى مېكروسوفىت ئېنتېرنېت تور كۆرسەتكۈچىگە تەسسىس قىلىنغان 收藏夹 ساقلىغۇچۇم(خەتكۈچ) دىگەن مەخسۇس تور ئادىرىسى ساقلاش ئىقتىدارىنى بىلىشى ۋە بىر قسىم تورداشلار داۋاملىق ئېنتېرنېت تور كۆرسەتكۈچىدە مەخسۇس تەمىنلىگەن شۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ تور بېكەت ئادىرىسلىرىنى ساقلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن، ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى خەتكۈچ سېستىمىسىنى چۈشىنىپ بېقىڭ!
      بۇ خەتكۈچ سېستىمىسىنى ئىلگىرى بېكىتىمىز تور خادىملىرى ئۆز ئىچىدىلا سىناق تەرىقىسىدە قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، بىر قىسىم مۇكەممەلسىز ئورۇنلىرى بولغاچقا پىروگىرامما كودىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ رەتلەش، كودنى ئىلغارلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى سەۋەپلىك ئېنتېرنېتتىكى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېچىۋېتىلمىگەن ئىدى. مانا بۈگۈن بۇ سېستىمىدىن كەڭ تورداشلارنىڭمۇ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن، خەتكۈچ سېستىمىسى تورداشلارنىڭ قوللىنىشىغا سۇنۇلدى.

ئەسكەرتىش: مەزمۇنى ساغلام بولمىغان تور بېكەت ۋە ئۇلىنىش ئادرسىنى بېكىتىمىزگە ئېلىپ كىرمەڭ!
نەشىر ھوقۇقى: يولباش ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنىغا مەنسۇپ ©2009-2015
新ICP备: 06001067    يولباش تور ساقلىغۇچىسى